يىلدىرىم ئائىلىسىنىڭ ياردەم ئەشيالىرى ئىدلىبقا يېتىپ باردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن سۈرىيەلىك بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان 3 يۈك ماشىنىسى سۈت ۋە يېمەك – ئىچمەك ئەشياسى ئىدلىبقا يېتىپ باردى.

637427
يىلدىرىم ئائىلىسىنىڭ ياردەم ئەشيالىرى ئىدلىبقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئەركام، بۈلەنت ۋە بۇشرا يىلدرىم كۆيلۈباي بىلەن قېرىندىشى ئىلھامى يىلدىرىم، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن تىراگېدىيەگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ھەلەبتىكى بالىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىستانبۇلدا تەييارلانغان ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت قاتارلىق ياردەم ئەشيالىرى قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىندى. 3 يۈك ماشىنىسىغا بېسىلغان مەزكۇر ياردەملەر ئىلھامى يىلدىرىم باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى ئارقىلىق ئىدلىبقا يەتكۈزۈلدى.

مەزكۇر ياردەملەر رايوندىكى قىزىل ئاي جەمئىيىتى خادىملىرى تەرىپىدىن موھتاجلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، يىلدىرىم ئائىلىسىنىڭ بۇ خىل سەپەرۋەرلىك ۋە ياردەم پائالىيەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىكەن.

سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان كۆپلىگەن ھەلەبلىك، تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئىدلىبكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئۈچۈن ئىدلىب شەھىرىدە يېتىم – يېسىرلار ئورنى تەسىس قىلىندى.

ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر