ئەردوغان خەلقنى تېررورچىلارنى مەلۇم قىلىشقاچاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇقنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، غەلىبىنىڭ بۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

632700
ئەردوغان خەلقنى تېررورچىلارنى مەلۇم قىلىشقاچاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ترابزون ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان خەلققە خىتاب قىلدى؛ سۆزلىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىگەن ھالدا باشلىغان ئەردوغان، «<شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈكلەر دېمەڭلار، ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بىلەلمەيسىلەر> دەيدۇ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز» دېدى.

قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ يوللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، قاتار دۆلىتى ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان تۈركىيە – قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىنى كېچىكتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بۈگۈنمۇ ئاقيازى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خەلق بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ تېررورچىلارغا بېرىلىدىغان بىر جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھالدا، «بۇ مىللەت چىققان بو يولىدا بىر گەۋدىدۇر. مەن ھەمىشە بىر بولىمىز، جانلىق بولىمىز، قېرىنداش بولىمىز، ھەممىمىز بىرلىكتە تۈركىيە بولىمىز، دەيمەن. ئۇلار مەيلى ئادەم بومبا بولسۇن مەيلى ئۇ ياكى بۇ خىل بومبا بولسۇن، ئۇلار تۈگەيدۇ، بۇ مىللەت قەتئىي (تۈگىمەيدۇ)... تارىخ بويىچە بۇ مىللەت ئەھلى سەلب تونۇشىغا قارشى قانداق كۈرەش قىلغان بولسا، بىزمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى بۇ تار جايدا ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەڭ مۇھىمى سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا بۇلارنى ئالماسلىقىڭلاردۇر» دېدى.

خەلققە «قەيەردە كىم بار، كىمنى بىلسەڭلار، ئۇنى دەرھال خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مەلۇم قىلىڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان ئەردوغان، بۇنىڭ پەقەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، ھەر مەھەللىدىكى مەھەللە باشلىقلىرى، يېزا مەسئۇللىرىنى مەھەللە، يېزىلارغا كۆچۈپ كەلگەن گۇمانلىق كىشىلەرنى دەرھال خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر