تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش دائىرىسىدە 235 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 235 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
![تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش دائىرىسىدە 235 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/48e2/e098/e8c5/584e944ce3c21.jpg?time=1719263731)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە 235 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «PKK/KCK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 11 ۋىلايەتتە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئىجتىمائىي مېدىيا ئارقىلىق تېررورلۇق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلانغان جەمئىي 235 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش شۆبىسى خادىملىرى، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقى ئېنىقلانغان گۇماندارلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانىدى.
ئىجتىمائىي مېدىيادا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ www.egm.gov.tr ئادرېسىدىكى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلىش بۆلۈمى ياكى تور يۈزىدىكى جىنايى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ siber@egm.gov.tr ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ.