تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئورگانلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئوقۇدى

ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئورگان ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

628121
تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئورگانلار تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئوقۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان، تۈركىيەنى قانغا بويىغان، ئىنسانلارنى ئېغىر ئازابلارغا مۇپتىلا قىلغان بۆلگۈنچى ۋە خائىن تېررورچىلارنىڭ تۈنۈگۈن كېچە ئىستانبۇلدا قانلىق ھۇجۇم سادىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھەممىمىزنى ئېغىز ئازابلارغا غەرق قىلغان بۇ ھۇجۇم، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل ئورگانلىرىنى تېررورلۇققا قارشى تېخىمۇ ھوشيار ۋە قەتئىي ھالغا كەلتۈرىدۇ» دېدى. ئۇ، مەزكۇر يازما باياناتىدا يەنە، «تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ خۇشاللىقلىرىنى ئورتاقلاشقان كىشىلىرىمىز ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە قىلىنغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمدا 38 ئەۋلادىمىز شېھىت بولدى، 155 كىشىمىز يارىلاندى. قانخور ھۇجۇم مىللەت سۈپىتىدە ھەممىمىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە بىر ئىنسانلىق جىنايىتى بولغان تېررورلۇقنىڭ دىنىي، ئىرقى ۋە تەۋەلىكىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەگە قىلىنغان پۈتكۈل پەسكەش پىلان ۋە ھېساباتلارغا خەلقنىڭ بىرلىكى، دۆلەتنىڭ قەتئىي ئىرادىسى سايىسىدا ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا ھۇجۇمدا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ئىجتىمائىي مېدىيا ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، تېررورچىلار ۋە بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ تېررورلۇق ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى ئاقسىتالمايدۇ» دېدى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراكمۇ ھۇجۇمغا لەنەت ئېيتتى؛ «ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ خائىن تەشكىلاتلار ئۇتۇق قازىنالمايدۇ، دۆلىتىمىزنى پارچىلىيالمايدۇ، مىللىتىمىزنى قورقۇتالمايدۇ» دېدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور مەھمەت گۆرمەزمۇ پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە چاقىرىلغان خەلقئارا سىيرەت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى) ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن ھالدا، «بىر مەۋلۇت كۈنى ھارپىسىدا بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنيادا ۋە ئىلاھىي ئادالەتتە ھەر تۈرلۈك جازاسىنى تارتىدۇ. شېھىت بولغان پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمەن. مىللىتىمىز بۈيۈك بىر مىللەتتۇر. بارلىق بۇ قىيىنچىلىقلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىدۇ. بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ شۈبھىلەنمسىۇن. تۈرك خەلقى دۇنيادىكى پۈتكۈل ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى تېلېگرامما تارقىتىپ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى؛ «دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي يارىشىش يولىغا كىرىشكە باشلىغان مۇشۇ كۈنلەردە قارا قوللارنىڭ، پاجىئە ۋە كىرىزىس دەللاللىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىر تاسادىپىيلىق، دەپ قارالماسلىقى كېرەك. لېكىن، شۇم ۋە مەلۇم ئويۇنلارنى بۇزۇشقا قادىردۇر» دېدى. ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك پەسكەش ۋە نامەرد ھەرىكەتلەرگە كۆكرەك كېرىپ، ئۇنى ئېزىپ تاشلىغۇدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ، بەشىكتاشتا مەيدانغا كەلگەن خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىخلاس ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قىلىچدارئوغلۇ، ھۇجۇمدا شېھىت بولغان ساقچىلار ۋە پۇقرالارنىڭ ماتىمىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى ۋە ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ كۈچلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا باش قوماندانلىق ئىشتابىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «تۈركىيە ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم، ساقچى ۋە خەۋپسىزلىكنى ساقلىغۇچىلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئىرادە ۋە غەيرەت بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

يازما باياناتتا يەنە، بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزمەستىن ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلۇپ بولغىچە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر