ئاساسىي قانۇن تەكلىپى مەجلىسكە سۇنۇلدى

بۈگۈن (10-دېكابىر) يېڭى ئاساسىي قانۇن تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇلدى.

627736
ئاساسىي قانۇن تەكلىپى مەجلىسكە سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىكتە مەزمۇنىنى تەييارلىغان 21 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن تەكلىپى مەجلىسكە سۇنۇلدى.316پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن سۇنۇلغان تەكلىپنىڭ ماددىلىرى ئارىسىدا، سايلىنىش يېشىنى 18 گە چۈشۈرۈش، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان كىشىنىڭ پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەسلىك، ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ پىرېزىدېنتقا بېرىلىشى، پىرېزىدېنتلىق ۋە ئومۇمىي سايلامنىڭ بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلۈشى قاتارلىق مۇھىم ماددىلار ئورۇن ئالىدۇ.

ئاساسىي قانۇن تەكلىپى 330 دىن 367 گىچە بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانسا، شۇنىڭدىن كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى (رېفېراندۇم) گە سۇنۇلىدۇ.ئەگەر پارلامېنتتا 367 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانسا، خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە كېرەك قالمايدۇ.

بىراق، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارلامېنتتا قانداق نەتىجە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر «خەلقتىن كۆز قارىشىنىڭ سورىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر