مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ئىراقتىكى باشىكا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك يېرىكچىلىك پۈتۈنلەي ئورۇنسىز

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ۋە خوشنا دۆلەت ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى بىلەن مۇستەقىللىقىغا قانچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەممىدىن بەكرەك ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

601932
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ئىراقتىكى باشىكا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك يېرىكچىلىك پۈتۈنلەي ئورۇنسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باشىكا لاگېرىنىڭ ئورۇنسىز يېرىكچىلىك ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر كۈنلۈك قاتار زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىغا قاراشلىق تۈركىيە مەكتىپىنى ۋە تۈركىيەنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى زىيارەت قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد ۋازىرىفنىڭ تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشىكا لاگېرىنىڭ ئىجابىي رولىغا ھەممەيلەن قايىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ۋە خوشنا دۆلەت ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا قانچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەممىدىن بەكرەك ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئىراققا ھەممەيلەندىن بەكرەك كۈچلۈك ياردەم بەرمەكتىمىز. باشىكا لاگېرى ئورۇنسىز بىر يېرىكچىلىك ياراتتى. بۇ ئەسلىدە ئۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىك بىر يېرىكچىلىك ئىدى. بىراق بىز بۇنى ئۆز ئىزىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئالدىنقى ھەپتە مەسلىھەتچىمىز باغداتقا بارغان ئىدى. ئەمدىلىكتە باغداتتىن بىر ھەيئەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئەگەر ئىرانمۇ بۇ ئىشقا ئىجابىي ھەسسە قوشۇلسا، مەمنۇن بولىدىغانلىقىمىز تەبېئىي. خوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز. ئىراننىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئۈچۈن ئۇلارغا رەخمەت ئېيتىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر