15 - ئىيۇل شېھىتلىرى ۋە غازىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس خاتىرە پۇل بېسىلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/ پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشى ئەسناسىدا، تۈركىيە خەلقى تانكىلارنىڭ ئافلدىنى توسۇپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانغا ئايلانغان ئىدى.

600966
15 - ئىيۇل شېھىتلىرى ۋە غازىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس خاتىرە پۇل بېسىلدى
15 temmuz hatıra para.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتىرە پۇل تۈنجى بولۇپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمغا تەقدىم قىلىندى.

تەڭگە پۇلنىڭ ئالدى تەرىپىدە يىلدىزلاردىن شەكىللەنگەن بىر مۇنار ۋە مۇنارنىڭ ئۇچىدا تۈركىيە بايرىقىنىڭ كۆرىنىشىگە ئورۇن بېرىلدى.

پۇلنىڭ ئارقى تەرىپگە بولسا، لەپىلدەۋاتقان چوڭ تۈركىيە بايرىقىنىڭ كۆرىنىشى قويۇلغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. 

ئوخشاش بولمىغان ھەجىمدىكى تەڭگە پۇللاردا يەنە «15 - ئىيۇل شېھىتلىرى ۋە غازىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن» دېگەن سۆزگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/ پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشى ئەسناسىدا، تۈركىيە خەلقى تانكىلارنىڭ ئافلدىنى توسۇپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانغا ئايلانغان ئىدى.

جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ بۇ ھەرىكەتكە قارشى تۇرغان خەلق ئاممىسىغا ئىسيانچىلارنىڭ ئوق ئېچىشى سەۋەبىدىن 246 كىشى شېھىت بولغان ۋە 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر