كىيېۋ - ئەنقەرە ئارىسىدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلىدى

پايتەخت ئەنقەرەدىن چەت ئەلگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ؛ ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئەنقەرە – كىيېۋ ئارىسىدا قاتناشقا باشلىدى.

600193
كىيېۋ - ئەنقەرە ئارىسىدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئەنقەرەگە كەلگەن 115 يولۇچى، ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرى سايبىھا، ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانلىرى كىيېۋ – ئەنقەرە ئارىسىدا ھەر كۈنى بىر قېتىم بېرىپ كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر