ئەردوغان: ئۇلار چېكىنمىگەن تەقدىردە بىز كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، سۇرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىسى PYD نى تازىلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئىراقنىڭ بىر مەزھەپ ئۇرۇشىغا ئىتتىرىلىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

598048
ئەردوغان: ئۇلار چېكىنمىگەن تەقدىردە بىز كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مەھەللە باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا، «تۈركىيە، ئىراق ۋە سۇرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر بىر ئىشنىڭ ئىچىدىن چوقۇم ئورۇن ئالىدۇ» دېگەن ئەردوغان، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قىلىنىۋاتقان كۈرەشتە، كېرەك بولغاندا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كۈچىمىز بىلەنمۇ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سېپىدە تۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېدى.

سۇرىيەدە 24- ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، «جەرابلۇستىن كىرىمىز، دېدۇق. ئالدىدا ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى، ئارقىدىن بىز ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن كىردۇق. نۆۋەتتە جەرابلۇس خەلقى (يۇرتىغا) قايتتى. ئۈست ۋە ئاستقۇرۇلما خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا، بالىلار مەكتەپلىرىگە بارالايدىغان بولدى. ئارقىدىن ئەلرائىغا كىرىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن دابىققا قاراپ ئىلگىرىلەندى. دائېش قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دابىق ئېلىندى. نۆۋەتتە ئەلبابقا قاراپ ئىلگىرىلەش داۋام قىلماقتا... PYD/YPG گە قارشى كېرەكلىك كۈرەش قىلىنىۋاتىدۇ. بىز دائېش،  PYD/YPG  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنبىچتىكى PYD نى تازىلاش ئىرادىمىز قەتئىي؛ يا چېكىنىپ فىراتنىڭ شەرقىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، كەتمىگەن تەقدىردە بىز كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، «ھەلەبتە تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلايلى، لېكىن ھەلەب ھەلەبلىكلەرنىڭكىدۇر» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ھەلەب توغرىسىدا باشقىچە پىلان تۈزۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراقنىڭ بىر مەزھەپ ئۇرۇشىغا ئىتتىرىلىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «دائېش مۇسۇلمانلارنى قەتلى قىلدى. نۆۋەتتە شىئەلىك سۆزى سايىسىدا مۇسۇلمانلارنى قەتلى قىلىدىغان بىر ئويۇننى ئويناشقا ئۇرۇنۇشماقتا» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، 15 – ئىيۇلنىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىنىڭ ئۇ كېچىدىكى شېھىتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «كىمكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتسا، خىيانەت ئىچىدىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر