ئەنقەرە باغدادقا ھەيئەت ئەۋەتتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەسلىھەتچى (مۇئاۋىن مىنىستىر) ئۈمىت يالچىن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنى باغدادقا ئەۋەتتى.

591217
ئەنقەرە باغدادقا ھەيئەت ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى (مۇئاۋىن مىنىستىر) ئۈمىت يالچىن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، باشىكا ۋە مۇسۇل مەسىلىلىرى قاتارلىق ئىراق بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باغدادقا كەتتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئۈمىت يالچىن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، پايتەخت باغدادتا ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇسۇلدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر