ھاككارىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ھەرىكەت نەتىجىسدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر ئوق – دورا ئىسكىلاتىمۇ پاچاقلاپ تاشلاندى.

570556
ھاككارىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ ھاككارىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رايوندا بايقالغان بىر ھەرىكەتچان نىشان، بىر ئىسكىلات ۋە 1 غارنى ئوققا تۇتتى.

ھەرىكەت نەتىجىسدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بىر ئوق – دورا ئىسكىلاتىمۇ پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر