چاۋۇشئوغلۇ: دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن راققەگە قۇرۇقلۇقتىن كىرىش زۆرۈر

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

567579
چاۋۇشئوغلۇ: دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن راققەگە قۇرۇقلۇقتىن كىرىش زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدە چاقىرىلغان سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش بويىچە پىكىرداش دۆلەتلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قىلىنغۇسى راققە ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى؛ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھەرىكەتنىڭ تۈركىيە يالغۇزلا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «راققەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى ياخشى بېكىتىش لازىم. ئەسكەرلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇنى ناھايىتى ياخشى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. ياخشى تەييارلانغان غەلىبە قازىنىش مەركەزلىك بىر پىلان ۋە ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەك» دېدى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر تەشكىل قىلغان ‹مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئالىي كومىتېتى› نىڭ سىياسىي چارىسىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ چارىنىڭ ئىجرا قىلىنالىنىشى ئۈچۈن ھەممىنىڭ قوللىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەسەدنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، لېكىن، بۇنىڭغا يېپىشىپ قالماستىن سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىملىقىغا ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرمۇ پۈتۈنلەي بۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مېنىڭچە رېئال لېكىن ئەسەدنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر