سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىن ۋە ئوباما بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

566183
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرىزېدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما بىلەن  سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن گ-20 دۆلەتلىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن مەجلىس زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان پۇتىن ۋە ئوباماغا تەربىيەلەش-قوراللاندۇرۇش ئۇسۇلىدا تۈركىيەدە تەربىيەلەنگەن مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تېرروردىن تازىلىنىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگىمىز.»

تېررورىزىم بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىنى بۇلتۇر ئانتاليادىكى گ-20 دۆلەتلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ۋاقىت بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى. مۇساپىرلار مەسىلىسىدە سىناقتىن ئۆتۈلمەي قېلىندى.»

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن گ-20 دۆلەتلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: « 95 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 40 كىلومېتىر شىمالدىن جەنۇبقا بولۇپ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئارقىلىق مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ،مۇساپىرلارنى بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئىزچىل دەپ كەلدۇق. ھازىر بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.»

رايوندا خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەنمۇ ھەلەب رايونىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بۇرۇنراق رايوندا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە مەيلى ئامېرىكا مەيلى رۇسىيە مەيلى تۈركىيە بولسۇن بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىزمەت ئىشلىۋاتىدۇ. قۇربان ھېيتتىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتشنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ھەلەب خەلقىنىڭ بومباردىمانلاردىن قۇتۇلۇشىنى، پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەلەبتە نەچچە ئايدىن بۇيان ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كىچەك بولۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقانلارغا قىزىلئاي جەمئىيىتى ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر