غازىئانتەپكە سۈرىيە تەرەپتىن مىناميوت ئوقى چۈشتى

غازىئانتەپنىڭ قارقامىش ناھىيەسىگە سۈرىيە تەرەپتىن 2 مىناميوت ئوقى چۈشتى.

557237
غازىئانتەپكە سۈرىيە تەرەپتىن مىناميوت ئوقى چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق جەرابلۇس ناھىيەسىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا پات - پات توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

ئەتىگەن تەرەپلەردە توقۇنۇشلار جەريانىدا سۈرىيە تەرەپتىن غازىئانتەپنىڭ قارقامىش ناھىيەسى قارشىياقا مەھەللىسىدىكى بىر جامەگە ئائىت بىنانىڭ قورۇسىغا ئىككى دانە مىناميوت ئوقى چۈشتى.

توك سىملىرىغا تەگكەن، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مەھەللىگە كىرىپ چىقىدىغان يوللارنى تاقىدى.

مەھەللە ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋەقەدىن كېيىن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر