فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئۇرۇنۇشلىرى، ئۇنى چوڭ كۈچلەرنىڭ يالاقچىسىغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھى كالىننىڭ «تۈركىيە بىرلەشتى، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىنى گۈلەن ئۆزى تارتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

548551
فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئۇرۇنۇشلىرى، ئۇنى چوڭ كۈچلەرنىڭ يالاقچىسىغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھى كالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە خەلقىنى ھەيران قالارلىق ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى بىر شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ساباھ گېزىتىدە ئىبراھى كالىننىڭ «تۈركىيە بىرلەشتى، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىنى گۈلەن ئۆزى تارتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بەزىلەرنىڭ كۈتكىنىڭ ئەكسىچە، بۇ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ قانداقتۇر بىرەر سىياسىي ياكى ئىقتىسادى كىرىزىسكە سوۋەپ بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  ئىبراھىم كالىن، «دەل ئەكسىچە خەلق بىرلىكى ۋە سىياسىي ئىتتىىپاق ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىستانبۇل يېنىكاپىدا تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدىن مىليونلىغان كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يېغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يېڭى بىر خەلق بىرلىكىنىڭ ۋە سىياسىي ئىتتىپاقلىقنىڭ نامايەندىسى بولدى» دېدى.

ئىبراھىم كالىن ماقىلىسىدە مۇنداق دېدى:

7 – ئاۋغۇستتىكى يېغىلىشتا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر شەكىلدە نامايان قىلىنغان بۇ بىردەكلىك، دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كېرىۋىلىشقا قارشى مەردانىلىق، توغرۇلۇق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلدى. سىياسىي كۆز قارىشى مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تۈركىيەدىكى ھەممىلا كىشى، ساغلام ۋە ناھايىتى ياخشى يۈرگۈزۈلىۋاتقان دېموكراتىيەنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلىشتا بىرلەشتى. فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە مۇرىدلىرىنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئۆز ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ پىرىنسىپلارنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقى شۇنداقلا رەھىمسىزلەرچە ھەر خىل تاكتېكىلارنى ئىشقا سالغانلىقىغا قارىتا ھەممەيلەندە ئومۇمىي يۈزلۈك پىكىر بىردەكلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. فەتھۇللاھچىلار دۆلەتنىڭ ئىمتېھان سوئاللىرىنى ئوغۇرلاپ، سادىق مۇرىدلىرىغا بېرىشتى. ئارمىيە، ساقچى ۋە سوت مەھكىلىرىدىكى قارشى پىكىردىكىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشتى. رەقىبلىرىنى يامان كۆرسىتىپ، قارىلاش ئۈچۈن ئاخباراتچىلارنى ساختا ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق قارىلاش سەپەرۋەلىكى باشلاشتىنمۇ يانمىدى. بولۇپمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى بولغان 2008 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان بۇ خىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خەلق ھەقسىز بەدەللەرنى تۆلىگەن بولغاچقا ئومۇمىي يۈزلۈك «ئەمدى يېتەر» دېگەن بىر قاراش شەكىللەندى. چۈنكى خەلق مۇئەييەن بىر گۇرۇپپىغا ۋە ياكى توڭپۇڭى بۇزۇق بىر ئىمامنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، خەلققە ۋە دۆلەتكە خىزمەت قىلىدىغان پەزىلەت ئاساسىدىكى ئوچۇق – يورۇق بىر ھاكىمىيەتنى تەلەپ قىلاتتى. خەلق يېقىنقى 6 – 7 يىل مابەينىدە نۇرغۇنلىغان گۇناھسىزلارنىڭ جېنىغا زامان بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋەھىمىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايتتى. بۇ جەھەتتە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈكرىيە ھۆكۈمىتى بۇ بارلىق تەلەپلەرنى ئورۇنلاشتا قەتئىي ئىرادىگە كەلدى. بۇ يېڭى باسقۇچتا ھەقىقىي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغۇچى فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدە «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بىلىنىدىغان خەلقئارالىق قارا گۇرۇھى بولدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش نەتىجىسىدە گۈلەن ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالدى. مۇرىدلىرى، مەكتەپلىرى، شىركەتلىرى، ئىقتىسادى ۋە ئەڭ مۇھىمى قوللاش، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ قاتارلىقلار قولىدىن كەتتى. گۈلەن ۋە مۇرىدلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى شەيتان قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا كىرگۈزەلەيمىز دەپ خام خىيال قىلىشقان بولسىمۇ، بىراق گەلەننىڭ ھاياتىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىقى تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر تەلەيگە ئايلاندى. پۈتۈن تۈركىيە خەلقى  گۈلەنگە ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلەشتى.

ئىبراھىم كالىن ماقىلىسىدە يەنە مۇنداق دېدى:

7 – ئاۋغۇستتىكى يېغىلىش تۈركىيەدە ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ يىغىلىش بولغاندىن سىرت، سېمۋوللۇق ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە يېغىلىش بولدى. بۇ يېغىلىش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم، ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدار ئوغلۇ، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دەۋلەت باھچەلى ۋە باشقا پارتىيە ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى. بارلىق رەھبەرلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوللانغان رەزىل تاكتېكىلىرىغا قارشى بىردەكلىكىنى ناماي قىلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە پەيدا قىلغان ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىقلىرىغا نەزەر تاشلىغاندا، فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەللەردىكى گۇرۇپپىلىرىنى ھەرىكەتكە سېلىش ئۈچۈن پۈتۈن مەنبەلىرىنى ۋە نۇقتىلىق كۈچىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، پۇل سەرپ قىلىش، تۆھمەت چاپلاش سەپەرۋەرلىكى باشلاش ۋە ئەردوغانغا قارشى شەخسلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش قاتارلىق ھەر دائىملىقىغا ئوخشاش تاكتېكىلارنى ئىشقا سېلىپ، قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى خالىشى مۇمكىن. غەرب ئەللىرى مېدىياسىدا 15 – ئىيۇلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلارغىمۇ مانا بۇ نۇقتىدىن باھا بېرىش لازىم. گەرچە فەتھۇللاھ گۈلەن ئۆزىنى دىنىي رادىكاللىققا قارشى مۆتىدىل ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەر قانچە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ نە تۈركىيەدە، نە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا قىلچىلىك ئېتىبارى قالمىدى. بۇ پەقەت فەتھۇللاھ گەلەننىڭ غەربنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلەتكەن ئىستراتېگىيەسىدۇر، خالاس. بۇ خىل سەمىمىيەتتىن خالىي قۇرۇق داۋالار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. بۇ ئۇرۇنۇشلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە فەتھۇللاھ گۈلەننى چوڭ كۈچلەرنىڭ يالاقچىسى ۋە پىچكىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر