«ئەنقەرە فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋاشىنگىتوندىن ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتە

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەنقەرەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇش بېرىش مەسىلىسىدە ۋاشىنگىتوندىن تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

545471
«ئەنقەرە فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋاشىنگىتوندىن ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن قاتار مەزكەرلىك «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىستلارنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يەنە بىر ھۆججەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،  بۇ تېررورىستنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ئاساسەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قانۇن بويىچە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دەرۋەقە، ۋاشىنگىتون فەتھۇللاھ گۈلەننى ئەنقەرەگە تاپشۇرۇپ بەرمىگەن تەقدىردە، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يېتىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، فەتھۇللاھ گۈلەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋەرگەن تەقدىردە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چاغدا، ئامېرىكىلىقلارمۇ فەتھۇللاھ گۈلەننى نېمە ئۈچۈن باغرىغا بېسىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تۈركىيە خەلقىگە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر