ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارنىڭ «14 – ئاۋغۇستتا كۆرۈشەرمىز» تەھدىتىگە جاۋاب بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى «14 – ئاۋغۇستتا كۆرۈشەرمىز» تەھدىتىگە جاۋاب بەردى.

545055
ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارنىڭ «14 – ئاۋغۇستتا كۆرۈشەرمىز» تەھدىتىگە جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ھەرقايسى ئۇيۇشمىلار ۋە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «پەسكەشلىك مىجەز – خاراكتېر مەسىلىسى بولۇپ، زامان ۋە ماكان چېگرالىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. سىلەرنىڭ شەخسىيىتىڭلار پاسكىنىلىشىپ كەتكەن بولسا، ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش  ئەپتى – بەشىرەڭلارنى يىلنىڭ 365 كۈنى ئاشكارىلىساڭلار بولىدۇ. سىلەرنىڭ خاراكتېرىڭلار قاتىللىق قىلىش، رىياكارلىق، ھىيلە ـ مىكىر بىلەن ئىش قىلىش، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش، ۋەتەن خائىنلىقى، گۇماشتىلىق، (ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان) پاسىقلىقتۇر. شۇڭا ھەر بىر قەدىمىڭلار سىلەرنى ھالاكەت ئازگاللىرىغا تىقماقتا. تۈركىيە 92 يىللىق جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزدا 2 قېتىم ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنى، نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشلىرىنى، مېموراندۇملارنى باشتىن كەچۈردى، ASALA دىن  پ ك ك غا، DHKP/C  دىن دائېشقىچە كۆپلىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىيانەتلىرىگە دۇچ كەلدى. قىسقىسى، دۆلىتىمىز پۈتكۈل جەمئىيەتلەر دۇچ كەلگەن بارلىق مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسىگە دۇچ كەلدى. ئەمما ئەزىز خەلقىمىز ھەر قېتىم بىر بايراق، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەتنى شوئار قىلىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، بارلىق خەۋپ – خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ نىيىتى ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار تەشكىلاتلانغان 160 دۆلەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى دەپ قوبۇل قىلىدىغان، پەقەت دىنىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مىللىي جەھەتتىنمۇ ئازغۇن ئۇنسۇرلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ 15  - ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى تۈركىيە خەلقىنى بايرىقىدىن، ۋەتىنىدىن ۋە دۆلىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەر بىر مەكتىپى، ھەر بىر دەرسخانىسى، ھەر بىر ئۆيى تېررورلۇق ئۇۋىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر شىركىتى، ھەر بىر جەمئىيىتى، ھەر بىر فوندى بىرەر تېررورلۇق جەمئىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن ھەر بىر تەڭگە كېيىن تۈركىيە خەلقىنى ئۆلتۈرىدىغان ئوققا ئايلىنىدۇ. شۇ ھەقىقەتنى ھەممە بىردەك قوبۇل قىلىشى كېرەككى، بۇ ئۇنسۇرلار قاتىلدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ قوللىرى مەسۇم خەلقىمىزنىڭ قېنى بىلەن بويالغاندۇر. ئۇلار رىياكاردۇر، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار نەيرەڭۋازدۇر. چۈنكى، نەيرەڭۋازلىق، ھىيلە ـ مىكىرلىك ۋە بەدنىيەتلىك ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇلار ئوغرىدۇر. چۈنكى ئۇلار ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئوغرىلاپ، ئۆز ئادەملىرىنى قانۇنسىز  ھالدا خالىغانچە دۆلەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانچە ئون مىليون كىشىنىڭ كېلەچىكىنى نابۇت قىلغان.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر