7 – ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىلىشقا 5 مىليون كىشى قاتنىشىدۇ

«دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا سەنئەتچىلەردىن كىنو چولپانلىرىغىچە، ئىنتېرنېت مەشھۇرلىرىدىن رادىيوچىلار ۋە تەنتەربىيە ماھىرلىرىغىچە بولۇپ 500 كىشلىك ئاتاقلىق كىشى سەھنىگە چىقىدۇ.

543925
7 – ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىلىشقا 5 مىليون كىشى قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 - ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئىسيانىدىن كېيىن قانچىلىغان كۈنلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتى، 7 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى» بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

«دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىلىشى»غا سەنئەتچىلەردىن كىنو چولپانلىرىغىچە، ئىنتېرنېت مەشھۇرلىرىدىن رادىيوچىلار ۋە تەنتەربىيە ماھىرلىرىغىچە بولۇپ 500 كىشلىك ئاتاقلىق كىشى سەھنىگە چىقىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئاتاقلىق كىشى ئوخشاش مۇنبەردە بىر يەرگە جەم بولىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا، 5 مىليون كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يېغىلىش بولىدىغان  كۈندە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى قىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باھچەلىگىمۇ يىغىشلىشقا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىشى ئۈچۈن تەكلىپنامىلەر ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى يىغىلىشقا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەت بىلەن قاتنىشىدىكەن.

مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇتوغرىدىكى قارارىنى بۈگۈن ئېلان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر