ئەردوغان: بۇ مەلئۇنلارنىڭ بۇنچىلىك ۋەھشىيلىكىنى بىلمەيتتۇق

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دۆلىتىمىزدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بىلەتتۇق، دائېشنى بىلەتتۇق، پ ي د نى، ي پ گ نى بىلەتتۇق، ئەمما فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇنچىلىك ۋەھشىيلىكىنى بىلمەيتتۇق» دېدى.

535547
ئەردوغان: بۇ مەلئۇنلارنىڭ بۇنچىلىك ۋەھشىيلىكىنى بىلمەيتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇراسىم زالىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشىمىزنىڭ، بىر يەرگە جەم بولۇشىمىزنىڭ دېموكراتىك بىر قانۇن دۆلىتىنى ۋەيران قىلىش نىشان قىلىنغان قوراللىق ئۇرۇنۇشتىن كېيىن ئىشقا ئېشىشى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز مانا مۇشۇنداق مۇسىبەتلىك ۋاقىتقا توغرا كەلدى. پارلامېنت بىنامىزنى ئايلىنىۋېتىپ، ئېچىنىشلىق دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. بۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  دۆلىتىمىزدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بىلەتتۇق، دائېشنى بىلەتتۇق، پ ي د نى، ي پ گ نى بىلەتتۇق، ئەمما فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇنچىلىك ۋەھشىيلىكىنى بىلمەيتتۇق. خەلقىمىز بۇلارنى ‹دىنىي جامائەت، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قورال – ياراغلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق› دەپ بىلەتتى. ئەمما بۇلار ئەسلىدە ئەزىز خەلقىمىزنىڭ باجلىرى بىلەن، پۇللىرى بىلەن ئېلىنغان قورال – ياراغلارنى، ئايروپىلانلارنى، تىك ئۇچارلارنى، تانكىلارنى، توپلارنى، ئېغىر تىپلىق قوراللارنى شۇ خەلقىمىزگە قارشى ئىشلىتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن نومۇسسىز مەلئۇنلار، پەسكەش خائىنلار ئىكەن. ئۇلار قىلچە خىجىل بولماستىن، ئەزىز خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى. پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا، مىللىتىمىزگە  ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇ ۋەجىدىن، مەن يانفۇن ئارقىلىق ئەزىز خەلقىمگە چاقىرىق قىلىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردىم. خەلقىممۇ چاقىرىقىمغا دەرھال قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، 81 ۋىلايەتتە مەيدانلارغا چىقىپ، كۆكرەك كىرىپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ۋەھشىيانە قىلمىشىغا تاقابىل تۇردى، ئۇلار ئەسلىدە خەلقىمىزنى بۇنداق قىلار دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئەزىز خەلقىمگە يەنە شۇنداق چاقىرىق قىلىمەنكى، ئىككىنچى قېتىملىق يوليۇرۇق  چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر مەيدانلار بوش قالمىغاي. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى شۇنداق بىر ۋىرۇسكى، ھەممە ياققا كىرىۋالغان، شۇڭا بۇ ۋىرۇسنى تەلتۆكۈس تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە بۇ ۋىرۇسنى تازىلاشقا چارە تاپقىلى بولمايدۇ، چۈنكى، ئويلاپ باقمىغان يەردىن تۆرىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز بۇ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشىمىز لازىم. جۈملىدىن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بۇلار شۇم نىيىتىگە يېتىشتە، ئۆزلىرىنى يوشۇرۇشتا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، خامېلېئونغا ئوخشايدۇ، بۇنداق دېسەك، خامېلېئونغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز، چۈنكى، بۇلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر. كارخانىچىلارغا شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، بۇ مەلئۇنلارنىڭ قىلمىشىغا قاراپ، سېلىنما ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماي، قەتئىي ئىرادەڭلار بىلەن يولۇڭلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇڭلار، دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ ھەر جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى توختاۋسىز ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر