چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولماقتا
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا زىيارەتتە بولماقتا.
477206
![چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9aa8/79f9/4831/571c9ff010c70.jpg?time=1719285255)
![çavuşoğlu riyad'da.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9aa8/79f9/4831/571c9ff010c70.jpg?time=1719285255)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رىيادقا يېتىپ بارغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىندى، بۇلاردىن باشقا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزئارا كۈچەيتىلىشى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇئۇد ئەلفەيسالغا بېغىشلانغان بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ.