چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەجلىستە مەلۇمات بېرىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن (16 – فېۋرال) سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە مەلۇمات بېرىدۇ.

433828
چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەجلىستە مەلۇمات بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇم بولۇشىچە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (MHP) ھۆكۈمەتتىن سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى (HDP) ئومۇمىي يىغىن چاقىرىش تەكلىپىنى مەجلىس رەھبەرلىكىگە سۇنغان. بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشىدە مەلۇت بېرىشىنى قارار قىلدى.

بۈگۈن 15:30 دا باشلىنىدىغان مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ گۇرۇپپىسى ئۈچۈن 10 مىنۇتتىن سۆز قىلىش ۋاقتى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر