ئەنقەرە، CİA نىڭ قىيىن - قىستاق دوكلاتىغا ئىپادە بىلدۈردى

ئەنقەرە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى – CIA نىڭ تېررور گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىش ئۇسۇللىرىغا دائىر دوكلاتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

144711
ئەنقەرە، CİA نىڭ قىيىن - قىستاق دوكلاتىغا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان دوكلاتقا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش نۇقتىسىدىن ئىجابىي بىر قەدەم، دەپ باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ‹قىيىن – قىستاقنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى› نى تەكىتلىدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «تىلغا ئېلىنغان مەزگىلدە ئامېرىكا رەسمىي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنماقتا» دېيىلدى.

دوكلاتتا، «ئاساسلىق ھەق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى زامانىۋىي دېموكراتىك تۈزۈملەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېيىلدى ۋە «دوكلاتتا ئورۇن ئالغان سىياسەتلەرنى ھېچبىر شەكىلدە راۋا كۆرۈشكە بولمايدۇ. قىيىن – قىستاق ۋە باشقا زالىمانە، غەيرى ئىنسانىي ياكى تۆۋەن كۆرىدىغان ھېچقانداق مۇئامىلە ياكى جازا ھېچقانداق شەرت – شارائىت ئاستىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قانۇندىن ھالقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ قانۇننىڭ بىتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر