ئەردوغان پىئانىنو ئۇستىسى قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېگى سۈرىيەلىك 16 ياشلىق پىئانىنو ئۇستىسى ئەسەد تامبىگە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

141544
 ئەردوغان پىئانىنو ئۇستىسى قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلاردىن قېچىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ياشقا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى تۈنۈگۈن كەچتە ئىمزالىغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قارارنامىنى ئىمزالىدىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «پىئانىنو ئۇستىسى» دەپ ئاتالغان ئەسەد تامبىغا تېلېفون قىلىپ، بىۋاسىتە خۇشخەۋەر يەتكۈزگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئەسەد تامبى 2014 – يىلى 10 – 14 - دېكابىر كۈنلىرى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزىكا مۇسابىقىسىگە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئىشتىراك قىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر