يالچىن ئاقدوغان كوبانى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

ئاقدوغان: «كوبانى مەسىلىسىدە تۈركىيە ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئاساسىدا قىلىشقا بولىدىغان پۈتۈن ياردەملەرنى قىلىشقا تىرىشماقتا» دېدى.

150929
 يالچىن ئاقدوغان كوبانى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدوغان: «كوبانى مەسىلىسىدە تۈركىيە ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئاساسىدا قىلىشقا بولىدىغان پۈتۈن ياردەملەرنى قىلىشقا تىرىشماقتا» دېدى.
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يالچىن ئاقدوغان سۈرىيە چگراسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە تۈركىيەگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدە توختالدى.
يالچىن ئاقدوغان تۈركىيەنىڭ كوبانىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن شۇنداقلا "ئى ش ئى د" غا ئوخشاش بىر تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلىشىشىدىن ھەرگىز خوشال بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەسىلىنى خۇددى ئەسەدكە قارشى سودىلىشىۋاتقاندەك بىر شەكىلدە سۇنۇشنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاقدوغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك كۈرتلەرگە ئارقىنى قىلىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
دۆلىتىمىز مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يالچىن ئاقدوغان، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋاللارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر