` گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋالىرى ئويدۇرما`

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئىلگىرى سۈرگەن: «تۈركىيە يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا» تەرىقىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلىپ، «يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق مەقسىتىدە ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلىتىمىز ھەققىدىكى بۇ دەۋالار ئاساسسىز ۋە ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراق» دېدى

139963
` گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋالىرى ئويدۇرما`

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئىلگىرى سۈرگەن: «تۈركىيە يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا» تەرىقىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلىپ، «يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق مەقسىتىدە ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلىتىمىز ھەققىدىكى بۇ دەۋالار ئاساسسىز ۋە ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراق» دېدى.
بىلگىچ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋالىرىنىڭ تامامەن يالغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىلگىچ، تۈركىيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىنغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش نىشانى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق مەقسىتىدە ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ دەۋالار تولىمۇ بىمەنە ۋە قىلچە ئاساسى يوق» دېدى.
بىلگىچ، بۇ دەۋالارنىڭ ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەم ناتو كوللېكتىپ مۇداپىئە سىستېمىسى گۇرۇپپىسىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق بىر ئىش» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر