تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەممىگە ئايان

تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى پوزىتسىيەسى ھەممىگە ئايان.

136530
تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەممىگە ئايان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى پوزىتسىيەسى ھەممىگە ئايان.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارىتا پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق بايانات بەردى. سەھىيە مىنىستىرلىكىدە چاقىرىلغان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن باش مىنىستىر، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى پوزىتسىيەنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
داۋۇتئوغلۇ، ئۆتكەن يىلى ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ ھەقتە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگىن بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ 2013 – 13 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مەسىلىسى توغرۇلۇق قارار ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەسلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، سۈرىيە بىلەن ئىراقتا مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ۋە بۇ ھەقتە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
قارارنامە توغرىلىقمۇ توختالغان داۋۇتئوغلۇ، «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ۋە خىرىس» فاكتورلىرى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى، جۈملىدىن سۈرىيە ۋە ئىراق قارارنامىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر