داۋۇتئوغلۇ AK پارتىيەنىڭ 2 – نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بۇندىن 13 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK ) نىڭ 2 – نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى.

106253
داۋۇتئوغلۇ AK  پارتىيەنىڭ 2 – نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە ئارەنا تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتىيىدا، پارتىيە رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئونمىڭلارچە ئادەم ئولتۇرغان زالغا، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن پارتىيەنىڭ 1 – نۆۋەتلىك رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە كىرىپ كەلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پارتىيە رەئىسى سۈپىتىدە ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلدى. ئۇ: «بۈگۈن يېڭى كۈندۇر، بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە قايتقان كۈندۇر، بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ پارلاق بولغان كۈندۇر. سىياسەت ھەر بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ۋاستىسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەر بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئورنى. تۈركىيە ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا يول ۋە ئۇسۇل يوقتۇر، بۈگۈن سىياسەت ئۆزىنىڭ يولىنى تاپتى» دېدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 1245 ۋەكىلنىڭ ئىمزاسى بىلەن پارتىيە رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسىتىلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويدى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ سايلامدىن بۇرۇن ۋەكىللەرگە سۆز قىلدى. ئۇ: «بۇ ۋىدالىشىش قۇرۇلتىيى ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش قۇرۇلتىيىدۇر» دېدى. ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ 1382 ئاۋاز بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ ئاخىرىدا، پارتىيە رەئىسى سۈپىتىدە سۆز قىلدى ۋە پارتىيە قوشۇنىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ 2015 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشكە يېتىدىغان ئەزالار بىلەن پارلامېنتقا كىرىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر