تۈركىيەدە رابىيە كۈنى

پۈتۈن تۈركىيە «دۇنيا رابىيە كۈنى» دە بىر گەۋدىگە ئايلاندى.

91177
تۈركىيەدە رابىيە كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم – سىتەملەرنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن ئەنقەرە، ئىستانبۇل، كارامان، قەيسەرى، كاپادوكيا، ئەرزىنجان، ئانتاليا، ئادىيامان، ئافيونكاراھېسار، مالاتيا، غازىئانتەپ ۋە ھاتاي قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىندى ۋە ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

تۈركىيە مىقياسىدا تەشكىللەنگەن پائالىيەتلەر دائىرىسىدە بايانات ئېلان قىلغان «گەنچ مەمۇرسەن» (ياش كادىرلار ئۇيۇشمىسى) بىتلىس شۆبىسى باشلىقى شاھىن ئۆزگۈل ھەر دائىم زالىملاردىن مەزلۇملارنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ زۇلۇم – سىتەملەر قارشىسىدا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاۋازىنى چىقارماي قاراپ تۇرماسلىقى ۋە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «زالىملارنىڭ دۇنياغا قىلىۋاتقان ياۋايىلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرمامدۇق؟ مەزلۇملارنىڭ قۇلاقلارنى پاڭ قىلىدىغان دات – پەرياتلىرىنى قاچانغىچە ئاڭلىماي تۇرىمىز؟ زۇلۇم قەلئەسىدىن ئېتىلغان ۋەھشىيلىك ئوقلىرىنىڭ يەنە قانچە بالىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىشىنى كۈتىمىز؟ مىسىردا ھەربىي ئۆزگۈرۈش قوزغىغان سىسىنىڭ، سۈرىيەدە قانخور بەششار ئەسەدنىڭ، غەززەدە قاتىل ئىسىرائىلىيەنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىي خىتاينىڭ ئىنسانىيەتنى قەتلىئام قىلىشىغا، ئىنسانىيەتنىڭ شان - شەرىپىنى ئاياق – ئاستى قىلىشىغا قاچانغىچە قاراپ تۇرىمىز؟ ئى ئۈممەت! دۇنيادىكى زۇلۇم – سىتەملەرنى سەن تۈگىتىسەن. ئەركىنلىكنىڭ خارلىنىشىنى، دېموكراتىيەنىڭ قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىنىشىغا سەن خاتىمە بېرىسەن. ۋەھشىيلىك ئىنژېنېرلىرى 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇست مىسىردا ئۇلىنى قويغان زۇلۇم بىناسىنى سەن يەر بىلەن يەكسان قىلىسەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر