غەززەدە تىنچلىق تەسىس قىلىش تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا چارە تېپىش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

85903

داۋۇتئوغلۇ، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتى تۋېتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، بۇ ھەقتە ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييە ۋە ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
داۋۇتئوغلۇ، تېلېفون سۆھبەتلىرىدە غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانىي ياردەملەر مەسىلىسىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر