بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

85922
بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.
تۈركىيە مىقياسىدا سائەت 8 دە باشلىغان بېلەت تاشلاش سائەت 17 دە ئاخىرلاشتى. تۈركىيە مىقياسىدا جۇمھۇر رەئىسنى سايلاش ئۈچۈن 165 مىڭ 108 ساندۇققا بېلەت تاشلاندى.
ئاۋاز بېلەتلىرىنى ساناش باشلاندى. سائەت 21 گىچە تېلېۋىزور ۋە رادىيولار بىلەن ھەر تۈرلۈك تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. سائەت 21 دىن كېيىن بارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئەركىن قويۇپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئالىي سايلام ئورگىنى مۇۋاپىق، دەپ قارىغان تەقدىردە، سائەت 21 دىن ئىلگىرى تارقىتىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىش مۇمكىنچىلىمۇ بار.
كېچە سائەت 24 كىچە ھاراق – شاراپنىڭ سېتىلىشى، ھاراق – شاراپ ئىچىش ئورۇنلىرى ۋە ئومۇمغا ئوچۇق جايلاردا ھەر تۈرلۈك مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلىمىسى داۋام قىلىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئامانلىقنى قوغداشقا مەسئۇل كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ مەھەللە، يېزا ۋە شەھەرلەردە يېنىدا قورال ئېلىپ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر