لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ 91 – يىللىقى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ 91 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

69569
 لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ 91 – يىللىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ 91 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
چىچەك باياناتىدا، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قوغداش يولىدا ھېچقانداق بىر توسالغۇغا پىسەنت قىلمايدىغان تۈرك مىللىتىنىڭ، لوزان شەرتنامىسى ئارقىلىق كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بېقىندىلىقنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
چىچەك، لوزان شەرتنامىسىنىڭ ئانادولۇدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى، بۇ مەقسەتتە تۈركىيەنىڭ قايتىدىن دۇنيا دۆلەتلەر ئائىلىسىنىڭ شەرەپلىك بىر ئەزاسى سۈپىتىدە تارىختىكى ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
شەرتنامىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چىچەك، «شەرتنامە سايىسىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قولغا كەلتۈرگەن زەپىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈستىدىلىمۇ قوغدىلىپ قالدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر