شانلىئۇرفادا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

شانلىئۇرفانىڭ سۈرىيە چېگرىدىسىكى بىر ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1ئەسكەر يارىلاندى

67033
شانلىئۇرفادا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفانىڭ سۈرىيە چېگرىدىسىكى بىر ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1ئەسكەر يارىلاندى.
شانلىئۇرفانىڭ سۈرىيە چېگرىسىدىكى جەيلانپىنار ناھىيەسىدە قانۇنسىز ھالدا چېگرىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان قوراللىق بىر گۇرۇپپىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
ئاگاھلاندۇرۇشنى دىققەتكە ئالمىغان گۇرۇپپا ئەسكەرلەرگە ئوق چىقاردى، بۇنىڭغا چېگرىدىكى ئەسكەرلەرمۇ ئوق چىقىرىپ جاۋاب قايتۇردى.
توقۇنۇشتىن كېيىن قوراللىق گۇرۇپپا سۈرىيەگە قايتتى، بۇ جەرياندا 3 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىلانغان ئەسكەرلەردىن ئىككىسى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.
يارىلانغان يەنە بىر ئەسكەرنىڭ داۋالاش ئىشلىرى بولسا داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر