ASELSAN ئاپپاراتى تالېس رادارلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ

تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يوللاش - قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدىن تالېسنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك رادارلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ

67044
ASELSAN ئاپپاراتى تالېس رادارلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يوللاش - قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدىن تالېسنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك رادارلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئاپپارات، رادار سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى « SMART-S MK-2» تىپلىق ئۈچ ئۆلچەملىك رادارلارنى ئىشلىتىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ « TCG ھەيبەلىئادا»، «بۈيۈكئادا» ۋە «گابيا» بەلگىلىك مىللىي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىمۇ بۇنداق ئۆلچەملىك رادار سىستېمىسى بار ئىكەن.
رادارنى ئىشلەپچىقارغان فىرانسىيەنىڭ تالېس شىركىتى، سىستېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پارچىسى ھېسابلىنىدىغان يوللاش - قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىنى تۈركىيە ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتىدىن زاكاز قىلىش قاراى ئالدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، تالېس شىركىتى دەسلەپكى قەدەمدە 100 دانە يوللاش - قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى زاكاز قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، زاكاز خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېلەر يىلى باشلىنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر