ئەردوغان، ئىسرائىلىيەگە لەنەت ئوقۇدى

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام خىزمەتلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى بېكىتى ئوردۇ بولدى.

64862
ئەردوغان، ئىسرائىلىيەگە لەنەت ئوقۇدى

ئەردوغان غەززەگە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوزغىغان ئىسرائىلىيەگە لەنەت ئوقۇدى.
جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام خىزمەتلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى بېكىتى ئوردۇ بولدى؛ ئوردۇ خەلقىگە خىتاب قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە بار ئىدى. ئەردوغان بىگۇناھ پۇقرالارنى نىشانغا ئالغان ئىسرائىلىيەگە ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان مىساللارنى كۆرسەتكەن ھالدا لەنەت ئوقۇدى. ئەردوغان، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بىر ھامىلدار ئايالنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ، «مۇسۇلمان ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوق ئاتقىن، بىر ئوق بىلەن ئىككى جان ئال» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ مايكا لايىھەلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇلارنىڭ ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى يوق، بۇ پەسكەشلىكتۇر، رەزىللىكتۇر، نومۇسسىزلىقتۇر. ئىنسانلىق نامىدىن نەپرەتلىنىمەن، لەنەت ئوقۇيمەن» دېدى.
تۈركىيەدە ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قىلىنغان سەلبىي مۇئامىلىلەرنى توغرا، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بىزنىڭ نىشانىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ زالىم ھۆكۈمىتىدۇر، تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتقان ھۆكۈمىتىدۇر، بىز ئۇنى دېيىشىمىز كېرەك، ئۇنى نىشان قىلغان ھالدا خەلقئارادىكى خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك ۋە ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىشىمىز كېرەك» دېدى.
بۇ رەھىمسىزلىك ئالدىدا غەربنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئىسلام ئەللىرىنىمۇ تەنقىد قىلدى ۋە كۆپ سانلىقىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى ھەتتا بۇ ئىنسانلىق جىنايىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر