ئەردوغان گېنېرال نەجدەت ئۆزەل بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئۇچرىشىشتىن كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساكارىياغا بېرىپ خەلققە خىتاب قىلىدۇ.

131455
 ئەردوغان گېنېرال نەجدەت ئۆزەل بىلەن كۆرۈشىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ھەپتىلىك ئالاھىدە ئۇچرىشىشى دائىرىسىدە ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال نەجدەت ئۆزەلنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساكارىياغا بېرىپ خەلققە خىتاب قىلىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال نەجدەت ئۆزەلنىڭ ئۇچرىشىشى بۈگۈن سائەت 13:00 تە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
گېنېرال نەجدەت ئۆزەل باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چانكايا سارىيىغا بېرىپ جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.
نەجدەت ئۆزەلدىن كېيىن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسلىھەتچىسى خاقان فىدانمۇ چانكايا سارىيىغا بارىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغان بۈگۈن ساكارىيادا يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.
ئەردوغان سائەت 16:30 دە خەلققە خىتاب قىلىدۇ. ئاندىن ئىستانبۇل دوستلۇق دەرنىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شام ۋاقتىدا ئىستانبۇلغا يېتىپ بارىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر