ئەردوغان، ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق رەددىيە بەردى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق رەددىيە بەردى.

122383
ئەردوغان، ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق رەددىيە بەردى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «جۇمھۇر رەئىس نامزاتى بولغانلىقى ئۈچۈن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىېتىپا بېرىشى كېرەك» دېگەننى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە قاتتىق رەددىيە بەردى.
ئەردوغان «ھېچ كىشى بۇنداق ئاساسسىز ئىشلارغا ئۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىزنىڭ نامزاتلىقىمىز دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى، جۇمھۇر رەئىسىلىككە سىياسەت ئۈستى ۋە سىياسەت سىرتىدىن بىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ يۈرۈش بىلەن ئەيىپلىدى.
جۇمھۇر رەئىسنىڭ تەرەپسىز بولۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئەگەر جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلانغان تەقدىردە دۆلەتنىڭ تەرىپىدە ئەمەس، خەلق تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان خەلق تەرىپادىن سايلانغان بىر جۇمھۇر رەئىس بىلەن باش مىنىستىرنىڭ تۈركىيەنى ئارقىغا ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە يۇقىرىغا ئۆرلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر