ئىھسانئوغلو سايلام خىزمەتلىرىنى  داۋاملاشتۇرماقتا

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ سايلام خىزمەتلىرىنى ساكاريادا داۋاملاشتۇردى.

119055
ئىھسانئوغلو سايلام خىزمەتلىرىنى  داۋاملاشتۇرماقتا

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ سايلام خىزمەتلىرىنى ساكاريادا داۋاملاشتۇردى؛ ئىھسانئوغلۇ ئىپتار پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئاداپازارى تاش يولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
ئىھسانئوغلۇ، سايلام خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، دۆلەتتە خاتىرجەملىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ ئارقىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى. ئىھسانئوغلۇ «يۇرتتا سۇلھى جاھاندا سۇلھى» دېگەن ئاساسلىق پىرىنسىپنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە ھەم مەملىكەت ئىچى ھەم قوشنىلار بىلەن سۈركىلىشكە سەۋەب بولىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر