گۆرۈدىكى تۈرك شوپۇرلاردىن خۇش خەۋەر بار...

ئىراقتا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان تۈرك شوپۇرلاردىن خۇش خەۋەر بار...

116567
گۆرۈدىكى تۈرك شوپۇرلاردىن خۇش خەۋەر بار...

ئىراقتا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن 10- ئىيۇندىن بويان گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرك شوپۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى، ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى پەرقلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بولسا، شوپۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى بەرمەكتە. بىر مەنبە، شوپۇرلارنىڭ تېخى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، لېكىن تۈركىيە يولىدا ئىكەنلىكلىرىنى، كەچ تەرەپتە چېگراغا يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

32 تۈرك شوپۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، لېكىن يۈك ماشىنىلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر كەلمەكتە.

ئاساسلىقى شانلىئۇرفا ۋە ماردىندا ياشايدىغان شوپۇرلارنىڭ يېقىن - يۇرۇقلىرى خۇش خەۋەردىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن خابۇر چېگرا ئېغىزىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر