تۈرك ئەسكەرلىرى لىۋاندا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندا تۇرۇش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىجازەتنامىسى تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى.

115809
تۈرك ئەسكەرلىرى لىۋاندا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

لىۋاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ تىنچلىق ساقلاش ۋاقىتلىق قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندا تۇرۇش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىجازەتنامىسى تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى.
ئىجازەتنامىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى مۇزاكىرىسى جەريانىدا سۆز قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يىلماز، «ئالدىنقى قاتاردا قوشنىلىرىمىز بولۇپ رايون ئەللىرىدە تىنچلىق، ئامانلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئارىسىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت بار» دېدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان ئىجازەتنامە بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىغا قاتنىشىشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېرەكلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە رۇخسەت بېرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر