«ۋەتەنپەرۋەر» لەر توغرىسىدا سەلبىي ئۆزگىرىش يوق

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلغان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار توغرىسىدا ھېچقانداق سەلبىي ئۆزگىرىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

107778
«ۋەتەنپەرۋەر» لەر توغرىسىدا سەلبىي ئۆزگىرىش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ناتو تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېملىرى توغرىسىدا سەلبىي ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «كىرىزىس چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانلار بۇنداق ئويلىمىسۇن» دېدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 25 – ئىيۇن بىريۇسسېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بارلىق ناتو دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە، بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئىراق مەسىلىسى تۈپەيلى پەيدا بولغان كىرىزىسلارغا قارشى قوللىشىنى ئايىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھازىرغىچە بۇنىڭغا قارىتا ھېچبىر دۆلەتتە سەلبىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر