ئەردوغان فىرانسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچراشتى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10- يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە مۇساپىرلار بىلەن ئۇچراشتى.

102708
ئەردوغان فىرانسىيەدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇچراشتى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10- يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە مۇساپىرلار بىلەن ئۇچراشتى.
نۇتۇق سۆزلىگەن زالغان ئالقىش تەنتەنىلىرى ئىچىدە كىرگەن باش مىنىستىر، تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانى مۇساپىسى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيەدە ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ خىيالىنى سۈرۈۋاتقانلار خام خىيال قىلىدۇ. ھېچكىم بۇنداق خىيالنى قىلىپ يۈرمىسۇن» دېدى.
ئەردوغان تۈركىيەدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 12- سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ سوتلانغانلىقى ۋە جاۋابكارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە خىتاب قىلىپ «ھېچكىم تۈركىيەدىن قورقمىسۇن، قاچمىسۇن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرقچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلاموبوفىياغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار» دېدى. فىرانسىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنى قوش پۇقرالىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىدا فىرانسىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ بېلەت تاشلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەردوغان لىيوندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈنۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر