ئەردوغان ۋىيېننانى زىلزىلىگە كەلتۈردى

ۋەتەنداشلار «دۇنيا رەھبىرى» دەپ ئاتىغان باش مىنىستىر ئەردوغان، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.

100863
ئەردوغان ۋىيېننانى زىلزىلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەردوغان ئاۋىسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
ۋەتەنداشلار «دۇنيا رەھبىرى» دەپ ئاتىغان باش مىنىستىر ئەردوغان، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.
ۋىيانادا باش مىنىستىر ئەردوغانغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدىكى، مىڭلارچە غۇربەتچى زالغا سىغمىغاچقا، باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ نۇتىقىنى باغچىغا ئورنىتىلغان چوڭ ئېكراندىن ئاڭلىدى. باش مىنىستىر ئەردوغانمۇ نۇتىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن باغچىغا ئورنىتىلغان مۇنبەرگە كېلىپ، ۋەتەنداشلارغا سالام بەردى.
بۇ ۋەتەنداشلارنىڭ ئارىسىدا چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈپ كەتكەن بىر جۈپ ياشمۇ بار ئىدى.
ئۇلار بىر ياستۇققا باش قويۇش ئۈچۈن بەرگەن قارارىغا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقمىدى، باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تويلۇق ئۈزۈكلىرىنى قوللىرىغا سېلىپ قويدى.
بىر جۈپ ياش بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى.
ئەمىنە ئەردوغاننىڭ قۇچىقىدا بىر بالىنى كۆتۈرۈپ كېلىشى بولسا ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
ۋەتەنداشلارغا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك سىگنالى بەرگەن ئەردوغان، ھېچكىمگە باش ئەگمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
ئەردوغان نۇتۇق سۆزلىگەن مۇنبەردە كېيىنچە ۋەتەنداشلارغا قىزىل گۈللەر تارقىتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر