ئەردوغان بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بايدىننىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

91646
ئەردوغان بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن مۇسۇلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بايدىننىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى. مەزكۇر يازما باياناتتا يەنە، بايدىننىڭ باش مىنىستىر ئەردوغانغا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈرك خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ ساق – سالامەت قايتىشى كېرەكلىكى؛ ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىتا ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە رايونلۇق كورد ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىنىشىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىتەرەپ بولغۇچە ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئىراق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر