ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مانېۋىر باشلىدى

ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

2035829
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىن پىلانلانغان ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ئېگىزلىكتە ئۇچۇش مەشىقى قىلىش، تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن نىشانلىرىنىڭ كوئوردېناتلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ھاۋادا رازۋېدكا قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مانېۋىرنىڭ ئۇچقۇچىلارنىڭ جەڭ قىلىش ماھارىتىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر