ئەزەربەيجان ئۈچ پۇقراسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
ئەزەربەيجان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۈچ پۇقراسىنىڭ چېچىنىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.
2188247
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: APA ئاگېنتلىقىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە نىھاد رزايېف، ئەلخان شىرىنوف ۋە ۋۇگار ماگەرراموف قاتارلىق ئەزەربەيجان پۇقراسى ئۈچ كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.
ئەزەربەيجاننىڭ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ئۇلتىماتوم تېكىستىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.
مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەلىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان (2022-يىلى 2-ئاي) كۆچمەنلەرنى توقۇنۇشلارغا قاتناشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارلا ئەمەس، ھىندىستان، كۇبا ۋە سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەن.
رۇسىيە كۆچمەنلەرگە ئارمىيەگە قاتنىشىش توغرىسىدا توختام ئىمزالىسا، تېز سۈرئەتتە پۇقرالىق بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا، ئاللىبۇرۇن رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغانلارنى پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى تەھدىتى بىلەن ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلماقتا.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى ئالېكساندىر باستىركىن ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئورگاننىڭ رۇسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن 10 مىڭ كۆچمەننى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.