ئەزەربەيجان سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى تەستىقلىدى

ئەزەربەيجان مەركىزى سايلام كومىتېتى 1-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى تەستىقلىدى.

2187827
ئەزەربەيجان سايلام كومىتېتى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مەركىزى سايلام كومىتېتى ئەزالىرى كومىتېت رەئىسى مەزاھىر پەناخوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىسىگە ئالاقىدار ھۆججەتنى تەستىقلىدى.

2 مىليون 395 مىڭ 510 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت بېلەت تاشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خەلقنىڭ سايلامغا ئاۋاز قوشۇپ بېلەت تاشلاش نىسبىتى  %37.24 بولغان.

سايلام نەتىجىسى ۋە سايلامدا غەلىبە قازانغان كاندىداتلارنىڭ ئىسىملىرى ئورۇن ئالغان ھۆججەتكە قارىغاندا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ باشچىلىقىدىكى يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسى دۆلەت مەجلىسىدە 68 ئورۇنغا ئېرىشكەن.

44 مۇستەقىل كاندىداتنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغانلىقى قەيت قىلىنغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، پۇقرالار ھەمرەھلىرى پارتىيەسى 3، ئادالەت، قانۇن، دېموكراتىيە پارتىيەسى 2، بۈيۈك ئەزەربەيجان پارتىيەسى، دېموكراتىك ئىسلاھات پارتىيەسى، بۈيۈك قۇرۇلۇش پارتىيەسى، تەڭداش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، ئانا ۋەتەن پارتىيەسى، ئەزەربەيجان مىللىي مۇستەقىللىق پارتىيەسى، مىللىي فىرونت پارتىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان دېموكراتىك مائارىپچىلىق پارتىيەسى پارلامېنتتا بىردىن ئورۇنغا ئېرىشكەن.

مەزكۇر ھۆججەت تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ئەزەربەيجان ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئەزەربەيجان ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كۈن ئىچىدە بۇ كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئەزەربەيجانلىقلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 7-قېتىم بېلەت تاشلاپ، پارلامنېت ئەزالىرىنى بېكىتپ چىققان، 990 كاندىدات 125 كىشىلىك پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن رىقابەتلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر