گېرمانىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىمزالاندى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2187567
گېرمانىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، باش مىنىستىر ئولاف شولزنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى، ھەمدە ئەمگەك كۈچى ۋە كەسپىي جەھەتتە ئىقتىدارلىق ئىشچىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈچەيتىشتىن باشقا يەنە، گېرمانىيەدە قېلىش ھوقۇقى بولمىغانلارنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىىشىشقا كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فايسېر كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «گېرمانىيەدە قېلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چەكلەش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇنىڭغا قارىتا ياخشى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن لاياقەتلىك ئىشچىلار ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى بازىرىمىزنى ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم.  گېرمانىيەدە مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. نېمىلا دېگەن بىلەن، نۇرغۇن ساھەلەردە چەت ئەلدىن ياخشى تەربىيەلەنگەن ئەمگەك كۈچى ۋە ئىقتىدارلىق ئىشچىلارغا ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

باش مىنىستىر ئولاف شولزمۇ ئۆزبېكىستاندا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ كېلىشىم ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن قەدەممۇ قەدەم تۈزۈلمەكچى بولغان كېلىشىملەرنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. ئىقتىسادىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن گېرمانىيەدە ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى قولايلاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قايتىشى كېرەكلىك كىشىلەرنىڭمۇ قايتىشى ئۈچۈن ئاددىي رەسمىيەت تەرتىپلىرىنى يولغا قويۇشقا كېلىشتۇق» دېدى.

گېرمانىيە ئىلگىرى كېنىيە، گىرۇزىيە، ھىندىستان، كولومبىيە ۋە ماراكەش بىلەنمۇ ئوخشاش كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر