زاخاروۋا: رۇسىيە لاچىن-خانكەندى ۋە ئاگدام-خانكەندى يولىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا رۇسىيەنىڭ لاچىن-خانكەندى ۋە ئاگدام-خانكەندى يولىنىڭ ئېچىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2033447
زاخاروۋا: رۇسىيە لاچىن-خانكەندى ۋە ئاگدام-خانكەندى يولىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: زاخاروۋا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ۋە قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىز لاچىن ۋە ئاگدام يولىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللايمىز، بىز بۇ مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

زاھاروۋا ئەرمېنىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى باياناتلىرىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەگە قارشى يېرېۋاندىن توختىماي كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ باياناتلار ھەممىدىن بەك رايوندىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە زىيان سالىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر