ئەزەربەيجاندا فەتھۇللاھچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئەزەربەيجاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بىر سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كىشى قولغا ئېلىندى.

2015105
ئەزەربەيجاندا فەتھۇللاھچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا بىنائەن، ئەزەربەيجاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بەش كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئەزەربەيجان دېموكراتىيە ۋە پاراۋانلىق پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى گۇباد ئىبادئوغلۇ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، گۇماندارنىڭ باياناتىغا ئاساسەن ئىبادئوغلۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقى ۋە مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقى ھەمدە ئىبادئوغلۇنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر