تۈركىيە ئەزەربەيجاندىكى مۇداپىئە يەرمەنكىسىگە ئەڭ كۆپ شىركەت بىلەن قاتناشتى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 – نۆۋەتلىك ئەزەربەيجان خەلقئارا مۇداپىئە يەرمەنكىسى (ADEX 2024) نى زىيارەت قىلدى.
2191294
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلەت مۇداپىئە ۋە مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يەرمەنكىنى تۇنجى كۈنىدە زىيارەت قىلىپ مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى.
ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى رەئىسى ھالۇك گورگۈن ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرىمۇ ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولدى.
تۈركىيە 38 دۆلەتتىن 270 شىركەت قاتناشقان يەرمەنكىگە، 50 دىن ئارتۇق مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنى قاتناشتۇرۇپ، ئەڭ كۆپ شىركىتى قاتناشقان دۆلەتكە ئايلاندى.